رامىزاندا ئۇيغۇرلار قەسەم برىشكە مەجبۇرلاندى
كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-06-28 14:01:38 جەمئى 1019 قېتىم ئوقۇلغان.
شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاي بايرىقى ئالدىدا قەسەم بىرىشكە مەجبۇرلىدى.
رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى پۈتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلرىنىڭ ئىبادەت قىلش ئىرادىسى ئاشىدىغان، ۋە بۇ كۈندە بارلىق مۇسۇلمانلار پۈتۈن ۋاقتىنى ئىبادەت ئۈچۈن خاس قىلىشقا تىرىشىدىغان بىر ۋاقىت. مانا موشۇنداق بىر كۈندە، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى كۆتەگلىك 22-كەنتىدە، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى يەنى رامىزاننىڭ 21- كۈنى، كەنتتىكى مۇسۇلمان خەلقنى، خىتاي كومىنىس بايرىقى ئالدىدا قەسەم بىرىشكە مەجبۇرلىغان، تەڭرىتاغ تورى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى بۇ توغرىسىدا بەرگەن قىسقا بىر خەۋىرىدە بۇنى تەستىقلىغان، ھەمدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى تەشۋىقات كانىيى بولغان XNTV دە يەنە بۇ خىلدىكى قەسەم بەرگۈزۈش پائالىيتىنىڭ يوپۇرغا ناھيىسىنىڭ ئاچچىق يىزىسىدىمۇ 6- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىداخەۋەر بىرىلگەن.
شەرقى تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلەر بىلەن سىياسى قىرغىن ۋە مىللى، دىنى يوقۇتۇش ھەركەتلىرىنى پائال تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، رامىزان مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقادىغا ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارنى دىنسىز كومىنىس بايرىقى ئالدىدا قەسەم بىرىشكە مەجبۇرلىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ غورۇرى ۋە ئىمانى تۇيغۇسى بىلەن ئويناشقانلىق ۋە شۇنداقلا بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ئەلۋەتتە. ئابدۇرەھىم پاراچ