تۆتيۈزدەك ھاجى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۇرۇمچىگە قايتۇرۇلدى
كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-06-28 16:42:54 جەمئى 2127 قېتىم ئوقۇلغان.
مەككە شەھرىگە تۈركىيە ئارقىلىق كىرگەن 400 دەك ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر بۆلۈك ھاجىلارنى، سەئۇدى ھۆكىمىتى خىتايغا قايتۇرىۋەتكەن.
ئىستىقلال خەۋىرى :
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىگەللىگەن ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 6- ئاينىڭ 27- كۈنى مەككە شەھرىگە تۈركىيە ئارقىلىق كىرگەن400 دەك ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر بۆلۈك ھاجىلارنى، سەئۇدى ھۆكىمىتى خىتايغا قايتۇرىۋەتكەن. بۇ قايتۇرىۋىتىلگەن ھاجىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئەمەلى ئەھۋالدىن خەۋەرداركىشىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە. خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ھاجىلار، تۈركىيەدە ئىككى ئاي ئەتراپىدا ساقلاپ كىيىن ھەج قاچاقچىلىرىغا 16مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل بىرىش ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرگەنلىكى مەلۇم. بۇنۇڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سادىق غالچىسى بولغان باش كونسۇلى ئەنۋەر ئاقسۇ ۋە ئۇنۇڭ مۇئاۋىنى ئىلياسلارنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس قىلغان، شۇنداقلا بۇ ھاجىلارغا «سىلەرگە سەئۇدىدا ئۇزۇنغىچە تۇرۇش كىنىشكىسى چىقىرىپ بىرىمىز» دەپ ئالداپ، 6 - ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كىيىن بۇلارنى ئالتە ئاپتوبۇسقا بېسىپ مىناغا ئېلىپ بارغان، ھەمدە ئۇ يەردە ئالدىن بۇلارنى ساقلاپ تۇرغان سەئۇدى ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. شۇ كۈنى كەچتە بۇلار ئايرىپورتقا ئېلىپ كىلىنگەندە، رامىزاندىكى ئاچلىق ۋە ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بۇ مۇسىبەتتىن بەزى ياشتا چوڭراق بىر نەچچە كىشى ھوشىدىن كەتكەن، بۇنى كۆرۈپ غەزەپتىن ئۆزىنى باسالمىغان بىر قانچە تۇڭگان ھاجىلار ساقچىلارغا قول ياندۇرغان.
ئاخىردا بۇ ھاجىلارنىڭ 6- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرىلمەكتە.
تېخى يېقىندا ساختا پاسپورت بىلەن «ھەج قاچاقچىلىرى» ئارقىلىق سەئۇدىيغا ماڭماقچى بولغان98 ئۇيغۇر، تۈركىيە تاموژنىسىدا تۇتۇلغان ئىدى. بۇ قېتىم يەنە كۆپ سانلىقى ئۇيغۇرلاردىن بولغان بۇ 400 دەك ھەج قىلغۇچىنىڭ، سەئۇدى ھۆكىمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلىشى، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالى ئاستىدا تۇرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، ئىسلامنىڭ ئەڭ موھىم روكنىلىرىدىن بىرى بولغان ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قانچىلىق ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى، ھەمدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرنىڭ دىنى باستۇرۇش ۋە دىنى چەكلىمە سىياسەتلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياۋۇزلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ رىئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بەزى كۈزەتكۈچىلەر: خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ھاجىلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ، ياۋۇز خىتايلار تەرىپىدىن تۈرمە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى باشقا جازالار بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
ئىستىقلال خەۋىرى.