ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ 60 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﺘﯩﻤﻮﺭ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﺭﯗﺵ, ﭼﯧﻘﯩﺶ, ﺑﯘﻻﺵ, ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ, ﺗﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘﭺ ﺋﻮﻗﻰ ﮪﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭖ 1700 ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ, ﭘﯧﻨﺴﯩﻠﯟﺍﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯧﺮﺳﯧﻲ ﺷﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﻪﮪﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 27 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭ ﻓﺮﯦﺪﺩﯨﻲ ﮔﺮﻩﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘ 12-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺑﺎﻟﺘﯩﻤﻮﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ, ﺑﯩﺮ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻓﯧﺮﮔﯘﺳﺴﻮﻥ, ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﺎﺭﻟﯧﺴﺘﻮﻥ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﺶ ﺩﯦﻠﻮﺳﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﺭﻯ