r ئاقساقمارال خەلىق قۇشاقلىرى
تاغدىن چۈشتى بەش ئاتلىق
بەشىلىسى ئاق ئاتلىق
باشقا يەرلىك قانداقكى
ئاقساقمارالىقلار بەك تاتلىق
ساي بويلاپ شامال كەلدى
گۈل بوستاننى ئەگسەم دەپ
بارچە قىزلا يىغلايدۇ
ئاقساقماراللىققا تەگسەم دەپ
ھەرەمدىن ياغلىق ئالدىم
ھاجىم ئانام چەگسۇن دەپ
ساقلاپ قالدى قانچە قىز
ئاقساقماراللىققا تەگسەم دەپ
ئاھ لەيلى جېنىم لەيلى
باشقا يەرلىككە تەگمىسەم مەيلى ئاقساقماراللىققا،تىگەلمىسەم
ئۆمۈر بۇيى تۇل قالسام مەيلى
ئالمىنى بىرىڭ دەيسىز
بەرسەم كىم بىلەن يەيسىز
ئىشىنىمەن ھەي قىز چاق
ئاقساقمارالىق بىلەن يەيسىز
ئىگىز تاققا تاش ئاتماڭ
تاش ئاتسىڭىز بوش ئاتماڭ
ئاقساقماراللىقتىن ئۆزگىگە
كۆز ئالدىمدا قاش ئاتماڭ
ئاقساقماراللىق بۇسىڭىز تازا تارقىتىڭ!