ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻥ ﻧﯘﺭﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯩﻠﮕﻪ
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ, ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﺯﺍ ﮪﯧﻴﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﻤﻪﻥ! ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻢ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ, ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ! ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ««ﭼﻮﺷﻘﺎ-ﻗﻮﻱ»ﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻱ ﺩﯦﺪﯨﻢ.