تۇرمۇش ماڭا ھەقىقەتەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈتۈپتۇ. ئېرىشمەن دەپ ئويلىغان ھەممە نەرسىگە ئۇنچە ئاسان ئېرشكىلى بولمايدىكەن، مىنىڭ دەپ ئىككى قۇلىمىزدا مەھكەم سىقىمداپ تۇتىۋالغان نەرسىمىز تەبىئىيلا چۈشۈپ كېتىدىكەن، ئۈمۈدسزلەندۈرمەيدىغۇ دەپ ئۈمۈد بىلەن باققان كۆزلەرگە بىرىلىدىغىنى ئۈمۈدسىزلىكمۇ بولۇپ قالىدىكەن. بىراۋنى چۈشۈنىمەنغۇ دەپ قاتتىق ئىشەنسەڭ،بىر ئۆرۈلۈپلا ساڭا چۈشۈنىكىسز تەرەپلىرنى كۆرسىتپ قويىدىكەن، تۈپتۈز يول ئىزدەپ ئەگرى - توقايلىققا،باغۇ - بوستان ئىزدەپ ،قاقاسلىققا بېرىپ قالىدىكەنسەن، يىقىلساڭ يۆلەيدىغىنى دوستۇڭ ئەمەس،دۈشمىنىڭ بۇلۇپ چىقىدىكەن. بىراۋلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈلۈپ،ئۆز قايغۇڭ ئۈچۈن يىغلايدىكەنسەن… تىرشىدىكەنسەن ،تىرمىشىدىكەنسەن،بىر چاغدا ئۇف دەپ كەينىڭگە قارغىنڭدا ،كەينىڭدە قالغىنى بىر تالاي مەغلۇبىيەت،يوقۇتۇش بولۇپ چىقىدىكەن. بىر كىملەرنىڭ قۇلىغا ئېسىلغىڭ، بىر كىملەرگە يۈلەنگۈڭ كىلىدىكەن،لىكىن ئۇلار ئاخىرغا بېرىپ سېنى يالغۇز قويۇپ كىتىپ قالىدىكەن…ئاددى تۇرمۇشتىن مۇرەككەپ نەتىجە ئىزدەپ ھېرىپ كىتىدىكەنسەن… تۇرمۇش دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك!